خۇاۋېي ئىتالىيەدە ئېغىر زەربىگە ئۇچراش ئالدىدا تۇرماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىتالىيە تېلېگراف شىركىتى خۇاۋېي شىركىتىنى G5 قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرۇش ھەققىدىكى توختامنى بىكار قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئىتالىيە تېلېگراف شىركىتى خۇاۋېيغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان توختامنى بىكار قىلىش نىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ بولغان.

ئىتالىيە تېلېگراف شىركىتى دەسلەپتە خۇاۋېي ۋە ئېرىكسون شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاشنى پىلانلىغان بولۇپ، كېيىن نوكىيانى قوشقان. ئەگەر توختام رەسمىي بىكار قىلىنسا، ئېرىكسون بىلەن نوكىيا قۇرۇلۇشقا تەڭ مەسئۇل بولىدىكەن.

ئىتالىيە تېلېگراف شىركىتىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، خۇاۋېينىڭ ئىتالىيەدىكى G5 تورىنىڭ يادرولۇق ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان بولۇپ، خۇاۋېي بۇلتۇرلا خېرىدار چاقىرىشقا تەكلىپ قىلىنمىغان.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە تېلېگراف شىركىتى خۇاۋېينىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خېرىدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ توختامنى قولدىن بېرىپ قويۇش خۇاۋېي ئۈچۈن ئېغىر زەربە ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 480 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2021 17:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق