چاقماق خەۋەر

تەيۋەن: خىتاي ھۇجۇم قىلسا ئاخىرىغىچە تىركىشىمىز

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيې 29-ئاپرېل ئەنگلىيە ئاسمان خەۋەرلىرى قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئاخىرىغىچە تىركىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزەلدىن تەيۋەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ باقمىغانلىقىنى، ئەگەر كومپارتىيە تەيۋەنگە قوراللىق چېقىلسا، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداپ، ئاخىرىغىچە تىركىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى دېڭىز رايونىدا كۈچەيتىۋاتقان پاراكەنچىلىك ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ: «تەيۋەن بىزنڭى دۆلىتىمىز. ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە 23 مىليون خەلقىمىز تاللىغان ياشاش شەكلى. تەيۋەن خەلقى ئۆز ۋەتىنىنى ۋە ئاسان قولغا كەلمىگەن دېموكراتىك تۈزۈمنى ئاخىرىغىچە قوغدايدۇ» دېگەن.

ۋۇ جاۋشيې بېيجىڭ دائىرىلىنىڭ «تەيۋەن ئەزەلدىن خىتاي زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى» دېگەن سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن تەيۋەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ باقمىغان، بۇ رېئاللىق ۋە ئەمەلىيەت» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە خەلقئارانىڭ تەيۋەننى داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەنگلىيە ئىقتىسادشۇناسلار ژۇرنىلى بۈگۈن ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە خىتاينىڭ يېقىنقى 20 نەچچە يىل ئىچىدە ھەربىي خىراجىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقى، تەيۋەننىڭ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك جايلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ تەيۋەننى قوراللىق بويسۇندۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك چوڭايغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

بۇ خەۋەر 228 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2021 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق