خىتاي تۈركىيەگە تەھدىت سالدى

خىتاي تۈركىيەگە تەھدىت سالدى
خەۋەر يەتتە تورىنىڭ 1-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاۋۇزچىلىرى تۈركىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەھدىت سالغان.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى ئىسلام دۇنياسىدا باش بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كەسكىن سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىدى. تۈركىيە خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۆز زېمىندا كەڭ قۇچاق ئاچقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خەلقئارادا يېتىم قالدۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىشتا ئالدىدا ماڭدى.
تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قۇچاق ئاچقانلىقىغا ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللىغانلىقىغا چىدىيالمىغان خىتاي تۈركىيەگە بىر نەچچە نۇقتىدىن تەھدىت سېلىپ، ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئارىلىشىشنى داۋاملاشتۇرسا، تۈركىيەگە ئېنىرگىيە، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە ساھەسى جەھەتتىن مەبلەغ سالىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە ئەكىس تەسىر بېرىدىغانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن قىلماقچى بولغان سودا كۆلىمىنىڭ ئازلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 7144 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2019 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق