تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 40 مىڭدىن چۈشمىدى (28-ئاپرېل)

28-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 40444 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 283 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 40444 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2728 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 341 كىشى قازا قىلىپ، 45198 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 212 مىڭغا، قازا قىلغانلار 39398 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3558 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 551 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2021 10:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق