شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا يۆتكەلگەن توك مىقدارى بۇ يىل ھەسسىلەپ ئاشقان

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا يۆتكەلگەن توك مىقدارى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى»نىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتايغا يەتكۈزۈش مىقدارى 29 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 42 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 7 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 1-پەسىلدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 25 ىنى ئىگىلىگەن.

بۇ يىل 3-ئايدىلا شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 3 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15.3 ئاشقان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 100 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان.

خەۋەردە يۆتكەلگەن توك مىقدارىنىڭ ئېشىش سەۋەبى ھەققىدىكى ئانالىز تىلغا ئېلىنىپ، شەرقىي جۇڭغار-جەنۇبىي ئەنخۇي ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى خىتايغا تېخىمۇ كۆپلەپ يۆتكەش ئۈچۈن يولغا قويغان تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بايلىق ۋە ئېنېرگىيەلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قىلمىشى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردىكى قىدىرىش، ئېچىش، يۆتكەش ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.

بۇ خەۋەر 1192 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2021 18:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق