خىتاي «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك خىزمەت نىزامى» ئېلان قىلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 26-ئاپرېل «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك خىزمەت نىزامى» ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خۇاۋېي، شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ بۇ نىزامنامىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى يوشۇرۇن تەھدىتلەرگە دىققىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت نىزامى» خىتايدىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى قانۇنىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن. مەزكۇر نىزامدا يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە ئاساسەن جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىدە كەسپىي يېتەكلەش، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر يېڭى نىزامنامىدە خىتاينىڭ ئاساسلىق ئورگان، گۇرۇپپا، كارخانا ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا بەلگىلىك مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن بولۇپ، تىلغا ئېلىنغان ئورگانلارنىڭ خادىملىرىغا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، خادىملىرىنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەش ئارقىلىق جاسۇسلۇق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توختىتىش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

يېڭى «نىزام» دا يەنە پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ جاسۇسلۇقنى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ تېلېفون نومۇرى، تور سۇپىسى ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق دوكلات قىلالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى،، ئەسلىھەلەرنى، سىستېمىلارنى ۋە تورلارنى تېخنىكىلىق تەكشۈرسە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

بۇ خەۋەر 716 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2021 11:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق