شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تالاش-تارتىشلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئۇسۇلى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تەسىر كۆرسىتىش-كۆرسەتمەسلىكى ھەققىدە كۈچلۈك تالاش-تارتىش قوزغالغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بۈگۈن بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مەزكۇز تالاش-تارتىشلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئېغىر بۆلۈنۈش ۋە نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، مۇنۇلار بايان قىلىندى: «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خەلقىمىزنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ھەمدە سىياسىي ساھەلىرىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىدا يول كۆرسىتىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ تونۇغان بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ "دەۋاغا زىيان سېلىش" ياكى "پىكىر ئەركىنلىكى" سەپسەتىسى بىلەن مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلام شەرىئىتىنىڭ پىرىنسىپ ۋە ئەھكاملىرىغا قارشى چىقىشىنى، مىللىتىمىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى كەمسىتىشىنى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئۆزى خالىغان رەڭ ۋە شەكىللەردە ئىسلامىي ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كىيىنىشىنى "رادىكاللىق"، "تېررورلۇق"قا ئوخشاش نالايىق سۈپەت ۋە ئاتالغۇلار بىلەن تىلغا ئېلىشىنى، ھاقارەت قىلىشىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ۋە قاتتىق تەنقىدلەيدۇ.

جۈملىدىن، دىنىي مەسىلىلەر ۋە دىنىي قىممەت قاراشلاردىن يېتەرلىك مەلۇماتى بولمىغان كىشىلەرنىڭ پەتىۋا پىچىش، چەتئەللەردە مۇمكىنقەدەر بىرلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەۋاغا زىيان سېلىش، تەشكىلاتلار ۋە دەۋا سېپىدىكىلەرنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ۋە خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى چۈشۈرۈش ۋە پىسخىكىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشتەك بولمىغۇر تەشۋىقاتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىش بىلەن بىرگە، خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان، دۈشمىنىمىز خىتاينى خۇش قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى قايتا سادىر قىلماسلىققا چاقىرىدۇ.  خەلقىمىزنىڭمۇ دىنىي ھۆكۈملەر ۋە پەتىۋالارنى دىن ئەھلىدىن ئېلىشقا، ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن ھەر بىر كىشىنى ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمى ئىچىدە ياشاشقا دەۋەت قىلىدۇ».

بۇ خەۋەر 1011 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2021 18:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق