تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 40 مىڭدىن تۆۋەنلىدى (25-ئاپرېل)

25-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 38553 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 260 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 38553 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2801 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 347 كىشى قازا قىلىپ، 51236 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 73 مىڭغا، قازا قىلغانلار 38358 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3590 غا يەتكەن.

بۇ خەۋەر 477 قېتىم كۆرۈلدى
26/04/2021 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق