شى جىنپىڭنىڭ قىزىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىغان ياش ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نىيۇ تېڭيۈ ئىسىملىك خىتاي ياش شى جىنپىڭنىڭ قىزى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ قىزى شى مىڭزېنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىدى، دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 22 ياشلىق نيۇ تېڭيۈ 25-ئاپرېل جاۋابكار، ئادۋوكات ۋە ئائىلە ئەزالىرى نەق مەيداندا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئېچىلغان سوتتا 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 2019-يىلى مايدا شى جىنپىڭنىڭ قىزى شى مىڭزې ۋە شى جىنپىڭنىڭ قېيىن ئىنىسى دېڭ جياگۈينىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى چەتئەلدىكى تور بېكەت «قىزىل قىرغاق فوندى» ۋە «جىنا ۋىكى» دېگەن ئىككى تور بەت تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى دەرھال تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللىگەن. بۇ دېلونى تەكشۈرۈۋاتقان گۇاڭدۇڭنىڭ ماۋمىڭدىكى تور ساقچىلىرى چەت ئەلدىكى ئاشكارىلىغۇچىلارنى تۇتۇشقا ئامالسىز قالغان، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئىككى تور بەتنىڭ ئۇلانمىسىنى ھەمبەھرىلىگەن خىتاي تەۋەسىدىكى «Vulgar Wiki» تور بېكىتىنىڭ ئەزالىرىنى قولغا ئالغان.
2020-يىلى 30-دېكابىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ماۋمىڭ شەھىرى ماۋنەن رايونىغا تەۋە بىرىنچى سوت مەھكىمىسى مەزكۇر تور بېكەتكە مۇناسىۋەتلىك 24 كىشىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. ئەمدى 20 ياشتىن ئاشقان نيۇ تېڭيۈ ئاساسلىق جىنايەتچى دەپ قارىلىپ، 14 يىللىق كېسىلگەن.
نيۇ تېڭيۈنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ئەزەلدىن مەزكۇر جىنايەتنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قىيناش، ھاقارەتلەش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سوراقچىلار نيۇ تېڭيۈنى قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ، قولىغا كىشەن سالغان. پۇتىنىڭ ئۇچى يەرگە تەگكۈدەك ھالەتتە ئېسىپ، قامچا بىلەن ئۇرغان، قىيىن-قىستاق بىر-ئىككى سائەت داۋاملاشقان. نيۇ تېڭيۇ ھوشىدىن كەتكەندە، ئۇنىڭ بەدىنىگە قىزىتىلغان موم چاچقان.

بۇ خەۋەر 1616 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2021 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق