ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى: خىتاي يازغۇچىلارنى تۈرمىگە قاماشتا دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى (PEN America) 23-ئاپرېل 2020-يىللىق يەرشارى يېزىقچىلىق ئەركىنلىكى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي يازغۇچى-شائىرلارنى تۈرمىگە قاماشتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلغان.
دوكلاتتا يېزىقچىلىق باستۇرۇشىنىڭ يەنىلا مۇستەبىت دۆلەتلەر ئوخشىمىغان ئاۋازنى باستۇرۇشتا قوللانغان ئاساسلىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، خىتاي دۇنيا بويىچە يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەپ ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلىغان دۆلەتلەرنىڭ بېرى بولۇپ، 81 كىشىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلغانلىقى سەۋەبلىك تۈرمىگە سولانغانلىقى، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە خوڭكوڭدىكى يازغۇچىلارنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، 2020-يىلى دۇنيا بويىچە كەم دېگەندە 273 يازغۇچى، ئالىم ۋە زىيالىي پىكىرلىرى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، 2019-يىلىدىكىدىن 30 نەچچە كىشى كۆپەيگەن. قولغا ئېلىنغان يازغۇچىلار ئەڭ كۆپ دۆلەت خىتاي بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان 32، تۈركىيە 25 ئىكەن. بۇ دۇنيادىكى تۇتقۇن يازغۇچىلارنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى يەر شارىدا پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش نىسبىتى داۋاملىق ئاشقان. نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن پىكىر ئەركىنلىكىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن چەكلىمىلەرنى قويغان. بەزى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر ۋە بىر قەدەر ئاجىز دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۇچۇرنى چەكلەيدىغان قانۇنلارنى يولغا قويغان.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى پىكىر ئەركىنلىكى تۈرىنىڭ مۇدىرى كېرىن كارلېكار جۈمە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتايدا ئەڭ گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ ئالدىنقى يىلى 81 يازغۇچىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ساندىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئاساسلىقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇمغا بولغان ئىنكاسى، تۈرلۈك سىياسەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن قىلىش قىلمىشى ھەققىدە سۆز قىلغان قىلغان يازغۇچىلار ۋە ئوبزورچىلارنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى خىتاي تۈرمىگە تاشلىغان يازغۇچىلارنىڭ سانى 2019-يىلىدىكى 73 دىن 81 گە كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە خوڭكوڭ تۈرمىسىدىكى يازغۇچىلارنىڭ سانى 42 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1138 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2021 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق