تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 50 مىڭدىن تۆۋەنلىدى (23-ئاپرېل)

23-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 49438 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 302 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 49438 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 3089 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 343 كىشى قازا قىلىپ، 60176 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىليون 970 مىڭغا، قازا قىلغانلار 37672 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3475 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1161 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2021 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق