تەيۋەندە «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

تەيۋەن خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 23-ئاپرېل تەيۋەن قانۇن پالاتاسىدا خەلقئارادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىشىگە ئاۋاز قوشۇش مەقسەت قىلىنغان «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى»نىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.
تەيۋەننىڭ پارتىيە سىرتىدىكى قانۇن كومىتېتى ئەزاسى لىن چاڭزونىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى»غا 30 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى ئەزا بولغان. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 23-ئاپرېل تەيۋەننىڭ قانۇن پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گۇرۇپپا ئەزالىرى مۇراسىمدا قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ: «تەيۋەنگە كىشىلىك ھوقۇق، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دەپ شوئار توۋلاشقان.
لىن چاڭزو يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا تىبەت، خوڭكوڭ گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنىڭمۇ قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ بىر تەرەپتىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارغا قارىتا خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سىن ئارقىلىق تەيۋەننىڭ «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى»نى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان ۋە ئۆزىنىڭ 2006-يىلى تەيۋەنگە زىيارەتكە بارغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك 2009-يىلدىن باشلاپ تەيۋەنگە كىرىشكە ئىجازەت بېرىلمىگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمدى داۋاملىق سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 688 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2021 12:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق