ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ F-35 پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تۈركىيەنىڭ F-35 تىپلىق ھۇجۇمچى ئايروپىلان پىروگراممىسىدىن رەسمىي چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
بۇ ئايروپىلاننىڭ تولۇق ئىسمى « F-35 چاقماق 2» (F-35 Lightning II) بولۇپ، دەسلەپتە 2001-يىلى ئىشلەپچىقىرىش پىلانلانغان. بۇ 5-ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى بولۇپ، بۇ ئايروپىلاننى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ھەم ھاۋا ئۈستۈنلۈكى، ھەم ھەرقانداق ئۇرۇشتا ھۇجۇم قىلىش ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ بىر كىشىلىك ۋە بىر ماتورلۇق، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان، كۆرۈنمەسلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە (رادارغا چۈشمەيدىغان)، ھەرقانداق ھاۋارايى ئۆزگىرىشىدە ئوخشاشلا قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇرۇش قىلالايدىغان، كۆپ ئىقتىدارلىق، ئوت كۈچى يۇقىرى، ئالاھىدە ھۇجۇمچى ئۇرۇش ئايروپىلانى بولۇپ، بىر قانچە ئايروپىلاندا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ ئايروپىلان يەنە ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش قىلىش، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە ئاخبارات توپلاش قاتارلىق كۆپلىگەن ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەن.
بۇ ئايروپىلاننى ئىشلەپچىقىرىش پىلانلانغاندىن كېيىن، 2006-يىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، تۈركىيە، نورۋېگىيە، دانىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەت بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان. تۈركىيە بۇ پىلانغا 2007-يىلى 26-يانۋار ئىمزا قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە بۇ ئايروپىلان زاپچاسلىرىدىن 1005 پارچىسىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈستىگە ئالغان. تۈركىيە كېيىن بۇ ئايروپىلاندىن دەسلەپتە 100 دانە سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىملىق سىناق ئۇچۇشى 2006-يىلى ئەمەلگە ئاشقان. 2015-يىلى 31-ئىيۇل ئىشلەپچىقىرىلغان ئايروپىلانلار ئامېرىكا دۆلەت ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ ئايروپىلان شۇنىڭدىن كېيىن رەسمىي ھالدا خىزمەت باشلىغان.
ئامېرىكا 2018-يىلى دەسلەپكى قەدەمدە تۆت ئايروپىلاننىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئەمما بۇ ئايروپىلانلار ئامېرىكىدا بولۇپ، تۈركىيە بۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئەۋەتكەن. بۇ جەرياندا ئامېرىكا يەنە ئىككى ئايروپىلاننىڭ ھوقۇقىنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
2020-يىلىغا كەلگەندە تۈركىيە رۇسىيەدىن S-400 كۆپ ئىقتىدارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ چىققان. ئامېرىكا بۇ ئىختىلاپتىن كېيىن تۈركىيەگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئالتە دانە ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئارمىيەسىگە سەپلەپ بەرگەن ۋە كېيىن تۈركىيەنىڭ بۇ ئايروپىلاننى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ قېتىم بولسا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تۈركىيەنىڭ F-35 تىپلىق ھۇجۇمچى ئايروپىلان پىروگراممىسىدىن رەسمىي چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
باشقا خەۋەر مەنبەلىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا بۇ ئايروپىلاننىڭ باھاسى %12.7 چۈشۈرۈلگەن. F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، F-35A مودېلىنىڭ 2020-يىلىدىكى باھاسى 82.4 مىليون دوللار، 2021-يىلى 79.17 مىليون دوللار، 2022-يىلى 77.9 مىليون دوللار بولىدىكەن.

بۇ خەۋەر 757 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2021 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق