ئامېرىكا: ئاۋسترالىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدىن چېكىنىشى خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنىڭ نامايەندىسى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىن چېكىنگەنلىكىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتايغا قارشى ھەمكارلىشىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېين چارشەنبە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىكتورىيە ئىشتاتىنىڭ 2018-يىلى ۋە 2019-يىلى خىتاي بىلەن ئىمزالىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇ ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئۆتكەن يىلى ماقۇللىغان تاشقى مۇناسىۋەت قانۇنىغا ئاساسەن، خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈلگەن ئىككى تۈرنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شۇ كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئاقساراي باياناتچىسى جېن ساكى چارشەنبىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەھەتتە، خىتاي مەسىلىسىدە خەلقئارالىق ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەمكارلىشىۋاتىمىز. پىرېزىدېنت بايدېن ھەر قېتىم باشقا رايونلاردىكى ۋە ياۋروپادىكى شېرىكلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە بۇنى تەكىتلىدى» دېگەن.
بىلدۈرۈشىچە، كۆپلىگەن تەرەپلەر خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا تەشەببۇسى خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان دۆلەتلەرنى خىتايغا بويسۇنىدىغان قىلىپلا قالماي، يەنە قەرز پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ، دەپ تەنقىد قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، پىرېزىدېنت بايدېن 26-مارت ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەقىقىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان سودا پىلانىغا ئوخشاش باشقا پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 786 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2021 14:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق