ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى

BBC نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 22-ئاپرېل ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتى 22-ئاپرېل كەچتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى تولۇق ئاۋاز بىلەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە پارلامېنتى ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيەدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان غەرب پارلامېنتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر پارتىيە ھالقىغان قارار ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى، ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى ئىشچىلار پارتىيەسى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى، شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسى ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە دېموكراتچىلار ئىتتىپاق پارتىيەسى قاتارلىقلارنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى مەزكۇر تەكلىپنى قوللاپ سۆز قىلغان.
جونسون ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بار-يوقلۇقىنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلىشى كېرەك، دەپ كەلگەن. ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىگە تەۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى چىقالمىغانلىقى تەبىئىي ھالدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتىگە قارىتا غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن.
گەرچە مەزكۇر قارار مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ، كۆپلىگەن ئانالىزچىلار بۇ قارارنىڭ خىتاي-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 749 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2021 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق