ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش داۋاملاشماقتا

بۈگۈن ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا ئادېلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان 100دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار قاتناشتى. نامايىشچىلار قوللىرىدا خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىگە قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن تاختايلارنى ۋە خىتايغا قارشى پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى. خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا سادىر قىلىۋاتقان ۋەھشىي جىنايىتىنى ئەيىبلىدى.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاشمەمەتھاجى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى ھەر جۈمە نامايىش قىلىش قارار قىلىنغان بولۇپ، نامايىش ئالتە ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن. بۈگۈن نامايىشنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسى بولۇپ، ئادېلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى پائالىيەتكە ئاكتىپ ماسلاشماقتىكەن.

بۇ خەۋەر 756 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2021 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق