تۈركىيەنىڭ بالىلار كۈنىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق ھەققىدە چاقىرىق قىلىندى

23-ئاپرېل تۈركىيەدە «ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار كۈنى» بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ئالاھىدە كۈن تەبرىكلىنىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ زۇلۇمى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق ھەققىدە چاقىرىق قىلىندى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان فېيسبۇك سەھىپىسىدە تارقاتقان يازمىسىدا :«بۈگۈن 23-ئاپرېل بالىلار كۈنى. ئەركىن دۇنيادا ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقىدا ئىللىق ئائىلىگە، ئوقۇش پۇرسىتىگە، ئانا تىل دەرسلىرىنى، دىن ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بەختىيار بالىلارنىڭ بالىلار كۈنى مۇبارەك بولسۇن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئانىلىرىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلگەن مىليونلىغان بوۋاقلارنى ئۇنتۇپ قالماڭ. خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئائىلىسىدىن مەجبۇرى ئايرىۋېتىلگەن ۋە ئاتا-ئانىلىرى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئۈچۈن يېتىم قىلىنىپ، پەرىشتىلەر ئۆيى نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇنتۇپ قالماڭ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 761 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2021 13:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق