ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى تۈرلۈك تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللاندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىگە قارشى ئىككى تۈرلۈك تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 21-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئاغزاكى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئەيىبلەش ھەققىدىكى قارار لايىھەسىنى بىردەك ماقۇللىغان.
ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى گىرېگورى مىكس مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى ۋەھشىيلىكىنى قانچە يوشۇرغان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زىيانكەشلىك قىلمىشىنىڭ «جەنۋە ئەھدىنامىسى»دا بەلگىلەنگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مىكس سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن مال ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىك ئىستراتېگىيە پىلانىنى يولغا قويۇشقا چاقىرغان.
بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىغا چېتىلغان ھەر قانداق كىشىگە جازا يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىلگەن بولۇپ، تىزىملىكتىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرى ۋە ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقە ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغان.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل مىكول مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆز قىلغاندا بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسىتىپ: «بۇ ھازىر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي كۆرۈنۈش، سىز ھازىر ئېكراندا كۆرۈۋاتقان كۆرۈنۈش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتى، پۇت-قولى باغلانغان، كۆزى تېڭىلغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر پويىزدىن چۈشۈرۈلۈپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
مايكىل مىكول سۆزىدە يەنە: «بۈگۈن ياكى ئەتە بولسۇن، بۇ خىل پاكىتلىق جىنايى قىلمىشنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىش بىزنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. خىتاي كومپارتىيەسى بۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەردە قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا قاتتىق دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسى سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارشى سۆز قىلىدىغان پەيت كەلدى» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى مۇزاكىرە يىغىنىدىن ئۆتكەن ئىككى تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. يەنە بىرى بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلگەن دىنىي چەكلىمىلەرنى ئەيىبلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى ئىككىنچى باسقۇچتا ئاۋام پالاتاسىدىكى بارلىق ئەزالىرىنىڭ بېلەت تاشلىشى ئۈچۈن سۇنۇلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 758 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2021 13:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق