تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 54 مىڭغا چۈشتى (22-ئاپرېل)

22-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 54791 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 312 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 54791 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 3128 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 354 كىشى قازا قىلىپ، 54791 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىليون 909 مىڭغا، قازا قىلغانلار 37329 غا، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3463 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 615 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2021 12:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق