ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئەمەلدار ئەۋەتمەسلىككە چاقىرىلدى

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئەمەلدارلارنى ئەۋەتمەسلىككە چاقىرىلغان.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تىلغا ئېلىپ، بېيجىڭغا دىپلوماتىك بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇشنى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە رەسمىي ئەمەلدار ئەۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى توسۇش پىلانى يوقلۇقى ھەققىدە سىگنال بەرگەن. ئاقساراي باياناتچىسىمۇ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ «تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقىگە قاتنىشىش، ئەمما ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى يىراق تۇرۇش» توغرىسىدىكى چاقىرىقى كۈنسېرى كۈچەيگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يىللىق دوكلاتىدا يەنە ۋاشىنگتوننى خىتاينىڭ بەزى ئورگانلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان جازالىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلغان.

بۇ خەۋەر 909 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2021 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق