سائادەت پارتىيەسى رەئىسى: زۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىش بىزنىڭ ھەققىمىز

سائادەت پارتىيەسى رەئىسى كاراموللا ئوغلى 21-ئاپرېل پارتىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ھەر يىلقى رامىزان ئېيىدىكىگە ئوخشاش بۇ رامىزاندىمۇ كۆپەيگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇ زىيانكەشلىككە قارشى سۈكۈت قىلىشى بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئازابلىق» دېدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قېرىنداشلىرىمىز جازا لاگېرلىرىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ زۇلۇمغا ئەمدى سۈكۈت قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىش بىزنىڭ ھەققىمىزدۇر» دېگەن ۋە سائادەت پارتىيەسىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 762 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2021 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق