ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» سودا كېلىشىمىنى بۇزۇشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

ئاۋسترالىيەنىڭ ABC خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» كېلىشىمىنى بۇزغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى 21-ئاپرېل ۋىكتورىيە ئىشتاتى بىلەن چەت ئەل ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان تۆت تۈرلۈك كېلىشىمنى بىكار قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىكتورىيە ئىشتاتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا كېلىشىممۇ بار ئىكەن.
بۇ ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى قانۇندا بەرگەن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتلەر، يەرلىك كېڭەشلەر ۋە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى تۇنجى قېتىم بىكار قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى دەرھال نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي ئەلچىخانىسى نارازىلىق باياناتىدا: «بۇ ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاي-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا سەمىمىي ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن.
ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىس پېين بۈگۈن ئەتىگەن قىلغان سۆزىدە، ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، خىتاينى بۇ سەۋەبلىك سودا جازاسى ۋە باشقا تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۆچ ئالىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «مېنىڭچە ئاۋسترالىيە ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، بىز بۇ جەھەتتە ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىۋاتىمىز. بۇ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرىمىزنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئىزچىل ۋە بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ ھېچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغان، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە بىلەن ھەر قانداق دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەقسەتمۇ قىلىنمىغان» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئۇ خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىغا دىققەت قىلغانلىقىنى، بۇ قارارنى خىتاي دائىرىلىرىگە ئۇقتۇرغانلىقىنى، دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنىڭ بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكى، بۇ مەسىلىلەرگە مۇشۇ نۇقتىدىن قاراش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
يېڭى پورت، تۇرۇبا يولى، تۆمۈر يول ۋە تاشيول قاتارلىق ئۇ ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى ئاسىيادىن ياۋروپاغىچە كېڭەيگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ چوڭ رايونلار ئىچىدە خىتاينىڭ تەسىرى ۋە سودا مەنپەئەتىنى مۇستەھكەملەيدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن، شۇنداقلا خىتاينىڭ دۇنيانى قاپلىغان قەرز توزىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلغان.

بۇ خەۋەر 740 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2021 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق