پاكىستاندىكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىنىڭ خىتاي باش ئەلچىسىنى نىشان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 21-ئاپرېل پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ چېگراسىغا جايلاشقان بالۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرىدىكى ھەشەمەتلىك مېھمانخانىدا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىغان بولۇپ، پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 21-ئاپرېل شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 10:15 ئۆتكەندە مەزكۇر مېھمانخانا يېنىدا ئاپتوموبىل بومبا پارتلاپ، كەم دېگەندە تۆت ئادەم ئۆلگەن، 11 ئادەم يارىلانغان. خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نوڭ روڭنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بالۇجىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى زىيائۇللاھ لانگو پارتلاشنىڭ شۇ يەردىكى بەش يۇلتۇزلۇق سېرېنا مېھمانخانىسىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىگەن.
يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نوڭ روڭ سېرېنا مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشقان، ئەمما ئۇ پارتلاش يۈز بەرگەندە سىرتقا چىقىپ كەتكەن. پاكىستان تالىبانلىرى ھۇجۇمنى ئۆزلىرى قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ھۇجۇمنىڭ نىشانىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى ئايلاردا بۇ گۇرۇپپا ۋە باشقا قوراللىق گۇرۇپپىلار ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن قەبىلە رايونلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئىستىخبارات ئەمەلدارى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ شۇ كۈنى كەچتە پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىلەن چۈشلۈك تاماق زىياپىتىگە بارغانلىقىنى، پارتلاش يۈز بەرگەندە مېھمانخانىغا قايتىش يولىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاشتا ئۆلگەن تۆت كىشىنىڭ ئىچىدە مېھمانخانا كۈتكۈچىسى ۋە ساقچىمۇ بار بولۇپ، ھەممىسى دوختۇرخانىدا ئاپىرىلغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىگەن. بۇلاردىن سىرت يەنە ئالتە كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

بۇ خەۋەر 785 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2021 13:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق