تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 60 مىڭدىن چۈشمىدى (21-ئاپرېل)

21-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 61967گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 319 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 61967 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2932 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 362 كىشى قازا قىلىپ، 52213 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىليون 844 مىڭغا، قازا قىلغانلار 36975 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3398 گە يەتكەن.

21-ئاپرېل تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى 81 ۋىلايەتنىڭ ۋالىيلىرىغا قارار ئەۋەتىپ، 23-ئاپرېلدىن 26- ئاپرېلغىچە سىرتقا چىقىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاراردا 23-ئاپرېلنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بالىلار كۈنى» سەۋەبلىك، رەسمىي دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا، ھەپتە ئاخىرىغا خاس بېكىتىلگەن سىرتقا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ جۈمە كۈنىمۇ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قارارغا ئاساسەن بۇندىن بۇرۇن بېكىتىلگەن «سىرتقا چىقىش چەكلىمىسىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان ئورۇن ۋە كىشىلەر تىزىملىكى»نىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى، ھەپتە ئاخىرىدىكىگە ئوخشاش 10:00 دىن 17:00 گىچە يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ خەۋەر 709 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2021 13:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق