خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيەگە تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئارمىيەسى ياپونىيەگە تور ھۇجۇمى قوزغاش قىلمىشىغا چېتىشلىق دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيە ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 20-ئاپرېل ياپونىيە ساقچىلىرىنىڭ تەخمىنەن 200 ياپونىيە شىركىتى ۋە تەتقىقات ئورنىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇمنى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ قوزغىغانلىقى پەرەز قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىمۇ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، كابىنېتنىڭ باش كاتىپى كاتسۇنوبۇ كاتو مۇخبىرغا: «ياپونىيە ساقچىلىرى ياپونىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراش دېلوسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشىگە يوللىدى. ياپونىيە ساقچىلىرى خىتاينىڭ Tick خاككېرلار گۇرۇپپىسىنى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە 2016-يىلدىن 2017-يىلغىچە ياپونىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىغا بىر قاتار تور ھۇجۇمى قوزغىدى، دەپ قارايدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تور ھۇجۇمىنىڭ خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرى يوشىخىدې سۇگا 16-ئاپرېل ئاقسارايدا كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىگە بولغان ئەندىشسىنى بىلدۈرگەن. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىپ: «تور ھۇجۇمى بارلىق دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس، ياپونىيەنى خىتاينى خاتا ئەيىبلىمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگەن.

بۇ خەۋەر 652 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2021 12:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق