ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتايغا قارشى يەنە بىر قانۇن لايىھەسى سۇندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى 19-ئاپرېل «تەيۋەن خەلقئارالىق ھەمكارلىق قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى دەپ دەۋا قىلىشىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى جون كۇرتىس، ئاۋام پالاتاسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تارماق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئامى بېرا ۋە ئاۋام پالاتاسى تەيۋەن ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ تۆت ئورتاق رەئىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش، تەيۋەننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشىغا ۋە ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ياردەم قىلىش تەلەپ قىلىنغان. «تەيۋەن خەلقئارا ئىتتىپاقلىق قانۇنى» مۇشۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلىنىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ سۆزى، سىياسىتى ۋە تەرتىپىنى بۇرمىلاپ، تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسىمى دەپ دەۋا قىلىشقا قارشى تۇرىدىكەن. قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ رۇخسىتىسىز تەيۋەننىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ھەر قانداق تەشەببۇسقا قارشى تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ سىياسىتى ۋە تەرتىپىنى خالىغانچە بۇرمىلىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىك تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. پىرېزىدېنت بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىنى «ئۇيۇلتاش تەك مۇستەھكەم» دەپ ئاتىغان. بايدېن يەنە ئالدىنقى ھەپتە ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدې سۇگا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 604 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2021 12:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق