چاۋۇشئوغلى تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى 20-ئاپرېل خەۋەر تۈرك قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەلۋەتتە سەزگۈر. بۇ جەھەتتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بىز خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلىرىمىزدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈۋاتىمىز. بۇ مەسىلىدىكى سەزگۈرلۈكىمىزنى ۋە ئۈمىدلىرىمىزنى ئىپادىلەۋاتىمىز» دېدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «بىز بۇ مەسىلىنى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى دەپ قارايمىز. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قاندىشىمىز. بىزنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت، مىللىي ۋە تارىخىي مۇناسىۋىتىمىز بار. بۇنى خىتايمۇ، باشقىلارمۇ نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ. ئەمما بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتايغا قارشى دۈشمەنلىككە ئايلاندۇرمايمىز. بىز خىتايغا "بىز ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە سەزگۈر، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلارنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ سەزگۈر. سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلاردا تېررورلۇق باردۇ يا يوقتۇ. دۆلىتىمىز بولسا تېررورلۇقنىڭ دەردىنى كۆپ تارتتى. ئەمما بىز بىگۇناھ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تېررورچى دەپ قاراش توغرا ئەمەس" دەۋاتىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
چاۋۇشئوغلى يەنە شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ھەيئەت ئەۋەتىپ، چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش تەلىپىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ۋاڭ يىنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلغانلىقىنى، ئەمما ھازىرغىچە خىتايدىن رۇخسەت كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنى پارلامېنت ۋە تاراتقۇلاردا داۋاملىق كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمەكتە. جۈملىدىن كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى ئەھمەت داۋۇتئوغلىمۇ 19-ئاپرېل بىر شەخسىي قانالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىدلەپ، تۈركىيەنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستانغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «تۈركىيە تارىخىدىكى بىر داغ» دەپ سۈپەتلىگەن.

بۇ خەۋەر 737 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2021 18:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق