ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسى باشلىقلار يىغىنى يەنە كېچىكتۈرۈلدى

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئافغانىستان باشلىقلار يىغىنى تالىبانلارنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىشى سەۋەبلىك ئىككىنچى قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستان باشلىقلار يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق باشلىقلار يىغىنىنى رامىزاندىن كېيىنگە كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چاۋۇشئوغلى باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە يەنە: «يىغىندا پىرېزىدېنتىمىز ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەيدۇ. 21 دۆلەت ۋە ئۈچ خەلقئارالىق تەشكىلات قاتنىشىدۇ» دېگەن.
تالىبانلار يېقىندا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر ئافغانىستاندىكى چەت ئەل كۈچلىرى دۆلەتتىن ئايرىلمىسا، مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان دوھا كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئامېرىكا 1-مايغىچە ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەك ئىكەن. ئافغانىستاندىكى چەت ئەل ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلمىغاچقا، تالىبانلار ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئافغانىستان باشلىقلار يىغىنى ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئامېرىكىنىڭ تالىبانلار بىلەن بولغان سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر يىغىنىدا تالىبانلار بىلەن كابۇل ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، ئافغانىستان تىنچلىقى ئۈچۈن «مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەن.

بۇ خەۋەر 713 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2021 18:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق