خىتاي تاراتقۇلىرى: خىتاي ئافغانىستانغا ئەسكەر كىرگۈزۈشى مۇمكىن

ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇزاققا قالماي ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا قانداق قەدەم ئالىدىغانلىقى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانماقتا.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالدىنقى ھەپتە كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئافغانىستاندىن بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا «تىنچلىق ساقلاش» قىسمى ئەۋەتىشنى ئويلىشىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. ئامېرىكا بۇنىڭغا قارىتا بارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
بىر قىسىم خىتاي تاراتقۇلىرى ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ قايتىدىن «تېررورلۇق تەھدىتى»گە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكى، ئۇندىن باشقا ئافغانىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرى، شىركەت خادىملىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكى، بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئافغانىستانغا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ، مۇقىملىقنى ساقلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان. مەزكۇر خەۋەرلەردە يەنە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنىڭ خىتاي ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكى، خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئافغانىستاننى ئىقتىسادىي دائىرىسىگە كىرگۈزەلىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ئالدىنقى ھەپتە ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارىنى ئېلان قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى دىپلوماتىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق قوللايمىز» دېگەن. بايدېن سۆزىدە يەنە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى 300 مىڭغا يېقىن ئافغانىستان ئەسكىرىنى مەشىقلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بايدېن باياناتىدا يەنە رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ پاكىستان، خىتاي، ھىندىستان، رۇسىيە ۋە تۈركىيەنى ئافغانىستاننى قوللاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىنىڭ ئافغانىستاندا تېخىمۇ چوڭ ئىچكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

بۇ خەۋەر 735 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2021 18:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق