سوفى رىچاردسوننىڭ تىۋىتتېردا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يوللىشى دىققەت قوزغىدى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى سوفى رىچاردسون خانىم (Sophie Richardson) 19-ئاپرېل ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېساباتىدا مەزكۇر تەشكىلات تەييارلىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان دوكلات ھەققىدە ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يوللاپ دىققەت قوزغىغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ «خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە توقۇنۇشنى ھەل قىلىش كىلىنىكىسى» 19-ئاپرېل بىرلىكتە تەييارلىغان «نەسەبىنى ۋە يىلتىزىنى يوقىتىش: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» دېگەن ماۋزۇدا يېزىلغان 53 بەتلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.
سوفى رىچاردسون خانىم مەزكۇر دوكلات ھەققىدە يوللىغان ئۇچۇرىدا: «دوكلات خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھەم داۋاملىق تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئىسپاتلىق يورۇتۇپ بەردى. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر خەلقئارا قانۇندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئېغىرلىرىدىندۇر، بىر خەلققە كەڭ كۆلەملىك، سىستېمىلىق قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ بىرى سۈپىتىدە قەستەن يۈرگۈزۈلگەن ئېغىر ۋە كونكرېت جىنايەتلەردۇر» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بەرگەن.
ئۇچۇردا يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق نىيىتى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى يىغىدىغانلىقى ھەمدە شۇ دەلىل-ئىسپاتلار توغرىسىدا چوقۇم دوكلات بېرىدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى خىزمەت ئىستراتېگىيەسى بولسا بۇ جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىدىغان يەرشارى خاراكتېرلىك كوللېكتىپ ھەرىكەت قوزغاش ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ھېچقاچان قانۇننىڭ ئۈستىدە ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە بارلىق خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى، ئادالەتكە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 707 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2021 18:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق