مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى: خىتاي ئەركىن تۇرسۇننى ۋە باشقا مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى (Committee to Protect Journalists) خىتاينى تۈرمىدىكى ژۇرنالىستلارنى قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇلارنى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا ئىشلىتىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى 19-ئاپرېل خىتاي دائىرىلىرىنى تۈرمىدىكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ئىشلىگۈچىسى ئەركىن تۇرسۇننى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە تۈرمىدىكى مۇخبىرلارنى تەشۋىقات ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى بۇ چاقىرىقنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» دائىرىلەرنىڭ 9-ئاپرېل خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئۆتكۈزگەن 7-قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ چاقىرىق خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۆرسەتكەن سابىق غۇلجا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ۋە تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ئىشلىگۈچىسى ئەركىن تۇرسۇنغا ئالاقىدار سىنغا ئىنكاس بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان.
خىتاي سىندا ئەركىن تۇرسۇننى ئۆزىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ، كومپارتىيەنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى سۆزلەشكە، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئوغلى ئەرەپاتنى قايتىپ كېلىشكە چاقىرىشقا مەجبۇرلىغان.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچىسى سىتېۋېن بۇتلېر (Steven Butler) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «تۈرمىدىكى ئەركىن تۇرسۇننى خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىسىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئىشلىتىش پەسكەشلىك ۋە رەھىمسىزلىك، خىتايغا نىسبەتەن ئىنسانىي ئۇسۇل بولسا ئەركىن تۇرسۇن ۋە باشقا قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش ھەمدە مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش قىلمىشىنى توختىتىشتۇر» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەراپات ئەركىن مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىغا دادىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆزىدىكى جۇدالىق ئازابىنىڭ سەل يېنىكلەپ قالغانلىقىنى، ئەمما دادىسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ، ئۇنى تونۇيالمىغىلى تاس قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئەرەپات ئەركىن 2015-يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەندىن بۇيان، ئاتا-ئانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 تۇغقىنىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالمىغان.

بۇ خەۋەر 1029 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2021 16:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق