ئەڭ يېڭى دوكلاتتا ب د ت خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch) ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ «خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە توقۇنۇشنى ھەل قىلىش كىلىنىكىسى» 19-ئاپرېل بىرلىكتە تەييارلىغان دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.
«نەسەبىنى ۋە يىلتىزىنى يوقىتىش: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» دېگەن ماۋزۇدا يېزىلغان 53 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئۇزۇن مۇددەت زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، نەچچە مىليون كىشىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىنغان ھەمدە خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قاتارىغا كىرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاي سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى تەكشۈرۈشكە، قارار چىقىرىش ئارقىلىق ئالاھىدە تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر دوكلاتقا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان كىشىلەرنىڭ ھېچقايسىسى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ باقمىغان، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ خەۋەر 812 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2021 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق