خەلقئارالىق تاراتقۇلار شەرقىي تۈركىستاندىن ھەقىقىي مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن بىر پەيتتە، شىۋېيتسارىيەنىڭ فىرانسۇز تىلىدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى RTS نىڭ مۇخبىرى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ئايدا RTS شەرقىي تۈركىستانغا ئۆز مۇخبىرىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، مۇخبىر سۈرەتكە ئالغان زاۋۇت خۇددى تېخنىكا شىركىتىگە ئوخشىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇن ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقان جازا لاگېرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلىنغان.
مەزكۇر قانالنىڭ خەۋىرىدە يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەرنىڭ كۆپلەپ تارقالغانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ (UNHRC) جەنۋەدە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىندا بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ۋە خىتايدىكى پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلايدىغان ۋاسىتىلەردىن بىرىگە ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس (António Guterres) ئالدىنقى ئايدا ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن جىددىي سۆھبەتلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنى دەلىللەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 783 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2021 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق