رۇسىيە چېخنىڭ 20 دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقاردى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ بىر تۈركۈم دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشىغا قارشى، چېخنىڭ 20 دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى قوغلاپ چىقارغان.
چېخ ھۆكۈمىتى17-ئاپرېل رۇسىيەنىڭ 18 دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى 2014-يىلى يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان. موسكۋا بۇنىڭغا قارشى 18-ئاپرېل چېخنىڭ 20 دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئىككى كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن رۇسىيەدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 17-ئاپرېل چېخ دائىرىلىرى مەزكۇر 18 رۇسىيە دىپلوماتىنى 2014-يىلى چېخ قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن بومبا پارتلاشتا ئالاھىدە خادىملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا 2018-يىلى رۇسىيەنىڭ سابىق قوش تەرەپلىك جاسۇسى سېرگېي سىكرىپال (Sergei Skripal)نىڭ ئەنگلىيەدە زەھەرلىنىشى سەۋەبلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككى رۇسىيە جاسۇسىنىڭمۇ مەزكۇر پارتلىتىش ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا، چېخنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «مىسلى كۆرۈلمىگەن بىمەنىلىك» دەپ سۈپەتلىگەن.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 18-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىنى سادىر قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نورمال مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تولۇق مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىمىز» دېگەن.
خەۋەردە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ دىپلوماتىك تالاش-تارتىشنىڭ رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئامېرىكىمۇ ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا سايلىمىغا دەخلى قىلغانلىقى، تور ھۇجۇمى ۋە باشقا دۈشمەنلىك پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك رۇسىيەگە ئېمبارگو قارارى ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئون دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى قوغلاپ چىقارغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 731 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2021 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق