خىتاينىڭ خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرىنى جازالىشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىسى لۇ شايې 18-ئاپرېل كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارك گارنونىڭ (Marc Garneau) خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرى ھەققىدىكى سۆزىگە قارشى بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا كانادا ھۆكۈمىتى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتى» دەپ تەنقىد قىلىنغان.
خوڭكوڭ دائىرىلىرى 16-ئاپرېل لى جۇمىڭ قاتارلىق توققۇز دېموكراتچىل شەخسنى 2019-يىلىدىكى قانۇنسىز يىغىلىشنى تەشكىللىگەن، دېگەن باھانە بىلەن ئەيىبلەپ، سەككىز ئايدىن 18 ئايغىچە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گارنو 17-ئاپرېل بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھۆكۈمنىڭ خوڭكوڭنىڭ تىنچلىقى ۋە سىياسىي ئەركىنلىكىنى بوغقانلىقىنى، ئەركىنلىك ۋە ئاساسىي ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ھۆكۈمىتىدىن باشقا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار خوڭكوڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينى قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 739 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2021 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق