ۋولكىسۋاگېننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقى ھەققىدىكى گۇمان داۋاملىق كۈچەيمەكتە

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى خەلقئارادا ئىزچىل كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان يېقىنقى مەزگىللەردە، گېرمانىيە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ماگناتى ۋولكىسۋاگېن (Volkswagen) شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقى ھەققىدىكى گۇمانمۇ قايتىدىن كۈچىيىشكە باشلىغان.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتايدىكى سودا مەسئۇلى سىتېفىن ۋولئېينىشتېين (Stephan Woelleinstein) يەكشەنبە شاڭخەيدە مۇخبىرغا بىلدۈرگەن سۆزىدە: «بۇ گۇرۇھنىڭ ھەرىكەت مىزانى ئۈرۈمچىدىكى ۋولكىسۋاگېن تارقاق زاۋۇتىدىمۇ ئىجرا قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ۋولكىسۋاگېننىڭ باشقا زاۋۇتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى تەمىنلىگۈچى ئورۇنلىرىدىمۇ ئىجرا قىلىنىدۇ. بىزنىڭ زاۋۇتنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىپ تەنقىد قىلىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بىز بىۋاسىتە خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز» دېگەن.
ئۇ يەنە سۆزىدە: «شۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىمىزكى، بىز چوقۇم خىتايدىكى تىجارىتىمىزدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، بىز شەرقىي تۈركىستانغا ئىقتىسادىي نۇقتىدىن مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ۋە بۇ مەيدانىمىزدا چىڭ تۇرىمىز» دېگەن.
ۋولئېينىشتېين 2021-يىللىق شاڭخەي ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى قىلغان سۆزىدىمۇ، كۆپ خىللاشتۇرۇشنى يولغا قويۇشنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلغانلىقىنى، بۇ خىل ئۇسۇلدا ھېچقانداق كەمسىتىش شەكلى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتى خىتايدىكى توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدا ئىگىلىگەن ئۈلۈشىنىڭ %15كە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بۇ ئۇنىڭ ھازىرقى ئاپتوموبىل بازىرىدىكى بېنزىن يېقىلغۇلۇق ماشىنىلارنىڭ سېتىلىشىغا باراۋەر كېلىدىكەن. ۋولكىسۋاگېن يەنە كەلگۈسى تۆت يىلدا خىتاينىڭ تېخنىكا ساھەسىگە 15 مىليارد ياۋرو مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 719 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2021 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق