خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى

خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى 17-ئاپرېل ئۈندىدار ھېسابىدا 2021-يىللىق ئوقۇش ياردەم پۇلى تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان.
ئۇقتۇرۇشتا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان، خىتاي گىراژدانى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس سۇنالايدىغانلىقى، ئەمما ئالاقىدار شەرتلەرگە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر شەرتلەرنىڭ ئەڭ بېشىدا بولسا «ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان ۋە بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى تارقاتمىغان بولۇش» دېگەن شەرتنى تەكىتلىگەن.
خىتاي يىللاردىن بېرى چەت ئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئارقىلىق تەشكىللەپ ۋە نازارەت قىلىپ تۇرغان بولۇپ، تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن تۈركىيەدىكى ئوقۇش ياردەم پۇلى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاتالمىش ھېيتلىق، رامىزانلىق پائالىيەتلىرىگە تەكلىپ قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىدەك يالغان تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىنىڭمۇ ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغانلىقىنى، ياردەم پۇلى ۋاسىتىسى بىلەن، يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يېنىغا تارتىشقا ۋە خىتايغا قارشى پوزىتسىيەسىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 783 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2021 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق