تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 55 مىڭدىن ئاشتى (18-ئاپرېل)

18-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 55802گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 301 مىڭ 243 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 55802 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 3101 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 318 كىشى قازا قىلىپ، 43856 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىليون 687 مىڭغا، قازا قىلغانلار 35926 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3275 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 623 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2021 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق