BCI: خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا سىياسىتىمىز ئۆزگەرمىدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋېيتسارىيەدىكى «تېخىمۇ ياخشى پاختا تەرەققىيات جەمئىيىتى» (BCI) شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى باياناتىنى ئورگان تور بېتىدىن ئېلىۋەتكەنلىكىنى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.
مەزكۇر جەمئىيەت بۇلتۇر 10-ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار بىر بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبلىك جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تۈرلۈك قۇرۇلۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى نازارەت قىلىش ۋە دوكلات قىلىش قاتارلىق بارلىق پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. باياناتتا يەنە 2020-يىلى 3-ئايدا BCI نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىجازەتنامە ۋە كاپالەتنامە خىزمەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ بايانات يېقىندا BCI نىڭ ئورگان تور بېتىدىن ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرى بۇنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشقان.
ئىقتىسادشۇناسلار ژۇرنىلى خىتاي ئىشلىرى تەھرىرى گادى ئېپستېين (Gady Epstein) مەزكۇر جەمئىيەتتىن بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىگەن بولۇپ، جەمئىيەت مەسئۇللىرى تور ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك بۇ باياناتنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى، كېيىن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى قايتا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گادى ئېپستېين تىۋىتتېردا بۇنىڭغا قارىتا: «مېنىڭچە بۇنى خىتاينىڭ بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن بېسىمغا ئاساسەن ئۆچۈرۈلدى، دېيىش تېخىمۇ توغرا. تور ھۇجۇمى پەقەت ئۇنىڭ بىر ئىپادىسى» دېگەن.
BCI نىڭ بۇلتۇر 10-ئايدىكى مەزكۇر باياناتىغا ئاساسەن، H&M ، نايك، يۇنىكلونىڭ ئانا شىركىتى «تېز پارچە سېتىش» شىركىتى ۋە زارانىڭ ئانا شىركىتى ئىندىتېكس قاتارلىق ئەزا شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جاكارلىغان. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتا بۇ بايانات خىتايدا كۆپ ئىنكاس قوزغىمىغان ئىدى.
ئەمما بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ بىر قىسىم ئورگانلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى سىستېمىلىق ھالدا H&M، نايك، ئادىداس قاتارلىق ماركىلارنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 1020 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2021 22:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق