تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 60 مىڭدىن يۇقىرى بولماقتا (16-ئاپرېل)

16-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 63082گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 320 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 63082 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2915 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 289 كىشى قازا قىلىپ، 56510 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىليون 591 مىڭغا، قازا قىلغانلار 35320 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3205 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 669 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2021 22:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق