ئامېرىكا: 11-سېنتەبىر خاتىرە كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 11-سېنتەبىر خاتىرە كۈنىدىن ئىلگىرى بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن چارشەنبە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 1-ماي ئافغانىستاندىن چېكىنىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى باشلايدىغانلىقىنى، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەڭ ئاخىرقى 2500 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ 11-سېنتەبىردىن بۇرۇن چېكىنىشنى تاماملايدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان.
بايدېن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە چېكىنىشنىڭ ئالدىراپ ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تەرتىپ بىلەن بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە شېرىك دۆلەتلەر بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئافغانىستانغا ئورۇنلىشىدىغان ئەسكەرلىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا پاكىستاندىن ئافغانىستانغا قىلىۋاتقان ياردەمنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بايدېن سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى چوقۇم باشقا جايلاردىكى تېررورلۇق تەھدىتى ۋە دېكوراتور خىتايغا قارىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
11-سېنتەبىر ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ، بازا تەشكىلاتى 20 يىل ئىلگىرى مۇشۇ كۈندە ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بۇشنىڭ ئافغانىستاندا ئۇرۇش قوزغىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ ئۇرۇشتا 2400 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن، ئىككى تىرىليون دوللار چىقىم كەتكەن.
ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى تىرامپ چېكىنىش ۋاقتىنى 1-مايغا بەلگىلىگەن. ئۇ بۇرۇن ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرمەكچى بولغان بولغان بولسىمۇ، بىراق ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بۇنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان.

بۇ خەۋەر 837 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2021 21:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق