FBI: ھەر ئون سائەتتە خىتايغا ئالاقىدار بىر دېلو تەكشۈرۈشكە باشلايمىز

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ (FBI) باشلىقى (Christopher Wray) خىتايغا ئالاقىدار دېلولارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپەيگەنلىكىنى ئېيتقان.
كىرىستوفېر رېي 14-ئاپرېل كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق تەھدىتلەر ھەققىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ھەر ئون سائەتتە خىتايغا ئالاقىدار بىر دېلو تەكشۈرۈشىنى باشلايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا نىسبەتەن ئالدىنقى ئورۇندىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «نۆۋەتتە بىزنىڭ قولىمىزدا خىتايغا ئالاقىدار 2000دىن ئارتۇق دېلو تەكشۈرۈشى بار. پەقەت خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جاسۇسلۇقىغا ئالاقىدار دېلولار ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە %1300 كۆپەيدى» دېگەن.
پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش، جاسۇسلۇق قاتارلىق قىلمىشلىرىدىن سىرت، يەنە ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈشكەن. كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئۆزىگە پايدىلىق بىر سىياسىي مۇھىت پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. كىرىستوفېر رېيمۇ ماركو رۇبىيونىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 802 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2021 21:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق