نورۋېگىيەمۇ خىتاي تاراتقۇسىنى چەكلىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نورۋېگىيە تېلىيا (Telia) شىركىتى خىتاي تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ (CGTN) تارقىتىشىنى دەرھال توختىتىۋەتكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى پېتېر داھلىن (Peter Dahlin) 13-ئاپرېل تىۋىتتېردا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلەپ، نورۋېگىيە تېلىيا (Telia) تېلېگراف شىركىتىنىڭ خىتاي تاراتقۇسى CGTN ۋە CCTV4 قاناللىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلارنىڭ ئەرز-شىكايىتىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەرھال يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ تارقىتىشىنى توختىتىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا خىتاينىڭ «تېلېۋىزوردا مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش» جىنايىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئون نەچچە كىشىنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ھەر قايسى تېلېۋىزىيە شىركەتلىرىگە خەت يېزىپ، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قايتا قاراپ چىقىشقا، خىتاينىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان.
بۇندىن بۇرۇن شىۋېتسىيەدىكى تېلىيا شىركىتىمۇ خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىككى كىشىنىڭ يەرلىك تاراتقۇلاردىكى چاقىرىقىدىن كېيىن، مەزكۇر خىتاي ئورگان تاراتقۇسىنىڭ تارقىتىشىنى چەكلىۋەتكەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 726 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2021 21:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق