تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 60 مىڭدىن چۈشمىدى (15-ئاپرېل)

15-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 61400گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 318 مىڭ 217 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 61400 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2845 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 297 كىشى قازا قىلىپ، 54984 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىليون 535 مىڭغا، قازا قىلغانلار 35031 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3080 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 669 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2021 20:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق