ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن خىتاي-ئىران مۇناسىۋىتىنى باھالاش تەلەپ قىلىندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېندىن خىتاي بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىنى باھالاپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مايكىل ماككول (Michael McCaul) 12-ئاپرېل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېنغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر قانچە تەرەپلىرىنى باھالاپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەكتۇپتا ئالدىنقى ئايدا ئىراننىڭ خىتاينى قەرەللىك نېفىت بىلەن تەمىنلىشى بەدىلىگە، ئىككى تەرەپنىڭ 400 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى، بۇ كېلىشىم يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا پىسەنت قىلماي، خىتايغا قارىتا نېفىت ئېكسپورتىنى ئاشۇرغانلىقىنى، خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىراننىڭ رەزىل ھەرىكىتىنى چەكلەش تىرىشچانلىقىنى بىكار قىلىشى مۇمكىنلىكى، ئامېرىكا چوقۇم بۇ ئىككى ھاكىمىيەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
مەكتۇپتا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا قاراتقان جازانى كۈچەيتىشنىڭ ئىراننىڭ خىتايغا داۋاملىق نېفىت ئېكسپورت قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنەمدۇ؟ ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن ئىراننىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى قايسى دەرىجىدە ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ؟ كەلگۈسىدە بۇ ئالاقە كۈچىيىشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇ سوئاللارغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ 7-مايغىچە جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 653 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2021 20:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق