تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى (14-ئاپرېل)

14-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 62797گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 310 مىڭ 420 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 62797 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2802 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 279 كىشى قازا قىلىپ، 34734 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىليون 480 مىڭغا، قازا قىلغانلار 34734كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3018گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 822 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2021 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق