تەيۋەن خەلقئارادا قىزىق نۇقتىغا ئايلانماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان بىر پەيتتە، خىتاي بۇنىڭغا قارشى تەيۋەن بوغۇزىدا راست ئوق ئېتىش مانېۋىرى باشلىماقچى بولغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى 14-ئاپرېل تەيۋەنگە زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، خىتاي گۇاڭدۇڭ دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە راست ئوق ئېتىش مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىدە بىلدۈرۈشىچە، 15-ئاپرېلدىن 20-ئاپرېلغىچە خىتاينىڭ جەنۇبىي خەينەن ئارىلىدىكى نەنپېڭ تاقىم ئارىلىدا ئالتە كۈنلۈك راست ئوق ئېتىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مانېۋىر ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن كەچ سائەت ئالتىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىرىس دود (Chris Dodd)، ئىككى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىچارد ئارمىتاج (Richard Armitage) ۋە جامىس ستېينبېرگدىن (James Steinberg)تەركىب تاپقان غەيرى رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيبېيگە يېتىپ كەلگەن. رويتېر ئاگېنتلىقى ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «تەيۋەن زىيارەت ئۆمىكى پىرېزىدېنت بايدېننىڭ تەيۋەن دېموكراتىيەسى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر سىگنالى» دېگەن.
تەيۋەن پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، سەي يىڭۋېن بۈگۈن ئەتىگەن سائەت ئوندا بايدېن ئەۋەتكەن ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن. تەيۋەننىڭ جىلۇڭ شەھەر باشلىقى لىن چاڭيوۋ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «پىرېزىدېنت بايدېن تەيۋەنگە ئەۋەتكەن ۋەكىللەر ئۆمىكى "تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى" ماقۇللانغانلىقىنىڭ 42 يىللىقىنى خاتىرىلەشتە پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي ، يەنە تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىندا تەيۋەنگە قارىتىلغان قوراللىق پاراكەندىچىلىكنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ھەركۈنى دېگۈدەك تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا بىر نەچچە ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتكەندىن باشقا، 4-ئاينىڭ بېشىدا خىتاينىڭ لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىسى تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىزدا مەشىق ئۆتكۈزگەن. خىتاي تەرەپ يەنە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پىلان بويىچە بۇ خىل مانېۋىرنى دائىم تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 826 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2021 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق