ياپونىيە شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە

ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرىنىڭ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىستېمالچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىسىگە بارغانسېرى دىققەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ياپونىيە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى پارچە سېتىش شىركىتى مۇجى (Muji) ئاخبارات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان پاختىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم-كېچەكلەرنى سېتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىركەتنىڭ مالىيە دىرېكتورى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئالاقىدار پىكىرلەرگە ئاساسەن، بۇ مەسىلىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھاۋالە قىلغانلىقىنى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدە چوڭ مەسىلە بايقىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە: «شىركەت پەقەت دېھقانلار ئىشلەپچىقارغان ئالاھىدە پاختىنى ئىشلىتىدۇ، پاختا بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇن قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان ياكى شىركەت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئەھۋال ئاستىدا داۋام قىلىۋاتقان سودىنى توختىتىدۇ» دېگەن.
بۈگۈن ئېچىلغان مالىيە دوكلاتى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىركەت دىرېكتورى ساتورۇ ماتسۇزاكىدىن (Satoru Matsuzaki) كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ قېتىم سوئال سورالغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كونكرېت جاۋاب بەرمىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە «تېز پارچە سېتىش شىركىتى»نىڭ (Fast Retailing) دىرېكتورى تاداشى يانائى (Tadashi Yanai) 8-مارت ئۆتكۈزۈلگەن مالىيە دوكلاتى يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. بۇ سەۋەبلىك پاي بازىرىدا ئەنسىرەش كۈچىيىپ، ئەتىسى مەزكۇر شىركەتنىڭ پاي چېكى ئالدىنقى كۈندىكىدىن %3.3 تۆۋەنلىگەن.

بۇ خەۋەر 999 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2021 13:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق