كېلەچەك پارتىيەسى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

كېلەچەك پارتىيەسى خىتاي-تۈركىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى»نىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە كىرىشىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە تەشكىللىگەن ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، 14-ئاپرېل كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللاھ باشچى بىلەن كونيا شۆبە رەئىسى ھەسەن ئەكىجى كونيادىكى ئىمزا توپلاش ئورۇنلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان.
يىغىندا ئابدۇللاھ باشچى سۆز قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە بولمىدى. كېلەچەك پارتىيە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە ھەسەن ئېكىجى سۆز قىلىپ، «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى»نىڭ تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرىشىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، ئالدىنقى قېتىم ئون مىڭ كىشىلىك ئىمزا توپلىغانلىقىنى، ئىمزانىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر مىليون ئىمزا توپلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر كۈنلەرنى تەشكىلات مۇنبەرلىرىدە داۋاملىق كۈنتەرتىپكە ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 907 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2021 13:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق