شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مەجبۇرىي تېڭىلغان سىياسىي پائالىيەتلەر داۋاملاشماقتا

خىتاي يىللاردىن بېرى سىياسىي ئۆگىنىش، بايراق چىقىرىش، قەرەللىك قەسەم بەرگۈزۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە بۇ سىياسەت تېخىمۇ ئېغىرلاشقان.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقانلىقى ۋە بايراق چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن، خىتاي يېتەكچىگە ئەگىشىپ، كوممۇنىست پارتىيەگە بولغان سادىقلىقى ھەققىدە قەسەم بېرىۋاتقانلىقى، قەسەمدىن كېيىن سىياسىي لېكسىيە ئاڭلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
شاھىتلارنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى گۇۋاھلىقىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى، سىياسىي ئۆگىنىش، كومپارتىيە نىزامنامىلىرىنى يادلاش، خىتاي تىلى ئۆگىنىش، قەسەم بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ خىل مەجبۇرىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان ياكى بىر نەچچە قېتىم قاتناشمىغان كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە مەسىلە بار، دەپ قارىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان.

بۇ خەۋەر 1424 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2021 23:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق